شىۋېتسىيەدە ئاشقۇن مىللەتچىلەر ۋەقە تۇغدۇردى

شىۋېتسىيەنىڭ گۆتېبۇرگ شەھىرىدە ئاشقۇن مىللەتچىلەر تەشكىللىگەن نامايىشتا جېدەل چىقتى.

817567
شىۋېتسىيەدە ئاشقۇن مىللەتچىلەر ۋەقە تۇغدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيەنىڭ گۆتېبۇرگ شەھىرىدە ئاشقۇن مىللەتچىلەر تەشكىللىگەن نامايىشتا ۋەقە يۈز بېرىپ نۇرغۇن كىشى يارىلاندى.

ئاشقۇن مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرىدىن نوردىك قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى قوللايدىغان 600 دەك نامايىشچى گۆتېبۇرگدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

بۇ نامايىشقا نارازىلىق بىلدۈرگەن  بىر تۈركۈم كىشى بولسا ئاشقۇن مىللەتچىلەرگە كالتەك، تاش ۋە بوتۇلكىلار بىلەن ھۇجۇم قىلغاندىن سىرت، ساقچىلارنىڭ توساقلىرىنىمۇ ئېلىپ تاشلىماقچى بولدى.

نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا جېدەل يۈز بېرىپ بىرى ساقچى بولۇپ نۇرغۇن كىشى يارىلاندى، 50 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر