ئىسپانىيە ساقچىلىرى كاتالان تېلېگراف ئىدارىسىغا بېسىپ كىردى

ئىسپانىيە ساقچىلىرى مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان كاتالان ھۆكۈمىتىنىڭ تېلېگراف ئىدارىسىغا بېسىپ كىردى.

817402
ئىسپانىيە ساقچىلىرى كاتالان تېلېگراف ئىدارىسىغا بېسىپ كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە ساقچىلىرى كاتالان ھۆكۈمىتىنىڭ تېلېگراف ئىدارىسىغا تۇيۇقسىز بېسىپ كىردى.

لا ۋاڭگۇردىئا گېزىتى (La Vanguardia) ئىسپانىيە ساقچىلىرىنىڭ ئەتە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان بىراق مادرىد ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز ئېلان قىلىنغان مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىدىن (ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى)ئىلگىرى كاتالان ھۆكۈمىتىنىڭ تېلېگراف ۋە ئۇچۇر-ئالاقە تېخنولوگىيەسى ئىدارىسىغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

گېزىت بۇ خەۋەرنى بىر يەرلىك رادىيونىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسەن خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ساقچىلارنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ھازىرغىچە مۇئەييەنلەشتۈرمىدى.

ئىسپانىيەدە ئۆتكەن جۈمە كۈنى بىر سوتچى گۇگۇل (Google)غا قانۇنسىز ئېلان قىلىنغان كاتالان مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى توغرۇلۇق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدىغان بىر سىستېمىنى ئېلىۋېتىشكە يوليۇرۇق بەرگەنىدى، گۇگۇلمۇ سوتچىنىڭ يوليۇرقى بويىچە بۇ سىستېمىنى ئېلىۋەتكەنىدى.

كاتالان ھۆكۈمىتى مادرىد ھۆكۈمىتىنىڭ توسالغۇلىرىغا قارىماي 2300دىن ئارتۇق ئاۋاز بېرىش مەركىزىنىڭ تەييارلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى. تۈنۈگۈن كاتالانلىقلار خەلقنىڭ مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىنى قوللىشى ئۈچۈن ئاخىرقى قېتىم يىغىلىش ئۆتكۈزدى.  

راي سىناشقا قارىغاندا كاتالانلىقلارنىڭ كۆپ قىسمى مۇستەقىللىق بولمىسىمۇ مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزۈلۈشىنى خالايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر