خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە سۇ ئاپىتى يەنە جان ئالدى

بۇ قېتىمقى ئاپەتنىڭ شەنشى ئۆلكىسىگە سالغان زېيىنى 540 مىليون يۇئەن (تەخمىنەن 81 مىليون دوللار) دىن ئېشىپ كەتتى.

816295
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە سۇ ئاپىتى يەنە جان ئالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  خىتايدا پەسىللىك يامغۇرلار كەلتۈرۈپ چىقارغان سۇ ئاپىتىدە 5 كىشى ئۆلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئەنكاڭ شەھىرىدە سەيشەنبە كۈنىدىن بۇيان قاتتىق يامغۇر يېغىپ، سۇ ئاپىتى يۈز بەرگەن ۋە 4 كىشى سەلدە يوقۇلۇپ كەتكەن.

شەھەردە يەنە، 2000 دىن ئارتۇق ئۆي، 12 مىڭ گېكتار تېرىلغۇ يەر ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ، 27 مىڭ كىشى بىخەتەر جايلارغا يۆتكەلگەن.

بۇ قېتىمقى ئاپەتنىڭ رايونغا سالغان زېيىنى 540 مىليون يۇئەن (تەخمىنەن 81 مىليون دوللار) دىن ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

شەنشى ئۆلكىلىك مېتېرولوگىيە ئىدارىسى شەھەردە يەر ئۆلتۈرۈشۈپ كېتىش ۋە سۇ ئاپتىگە قارشى تەدبىر ئېلىش ئۈچۈن خەلققە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر