بىرمادا قەتلىئام قىلىنغان مۇسۇلمانلار يا كۆيدۈرۈلمەكتە ياكى دەرياغا تاشلانماقتا

بىرمانىڭ ئاراكان رايونىدا يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە 7 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ قەتلىئام قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

816184
بىرمادا قەتلىئام قىلىنغان مۇسۇلمانلار يا كۆيدۈرۈلمەكتە ياكى دەرياغا تاشلانماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئاراكان روھىڭيا خەلق تەشكىلاتى باشلىقى نۇرى ئىسلام ئاراكاندا 7 مىڭدىن ئارتۇق مۇسۇلماننىڭ قەتلىئام قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «ھۆكۈمەت قەتلىئامنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن ئىنسانلارنى يا كۆيدۈرمەكتە ياكى دەرياغا تاشلىماقتا. بۇ ئارقىلىق ئارقىدا ئىز قالدۇرماسلىققا ئۇرۇنماقتا» دېدى.

خەلقئارا مېدىيا – ئاخبارات جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، نۇرى ئىسلامنىڭ جەمئىيەت باشلىقى ئاسلان دېغىرمەنجى ۋە مۇئاۋىن باشلىقى ئەھمەت ئاچىكاي بىلەن ئۇچراشقانلىقى، نۇرى ئىسلامنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىرمادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان تۈركىيە مېدىياسىغا رەخمەت ئېيتىپ، «پەقەت بىرما ئەسكەرلىرىلا ئەمەس، رادىكال بۇددىستلارمۇ قەتلىئام قىلماقتا. ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق يېزىلىرىمىزغا بېسىپ كېلىپ ھۇجۇم قىلدى. كۆيدۈرۈپ يوقاتتى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىگە دۇنيا سۈكۈت قىلىپ تۇردى. تۈركىيە بولسا، تۈنجى كۈنىدىن ئېتىبارەن مېدىيا ئورگانلىرى، سىياسىتى، ساخاۋەت ئورگانلىرى ۋە خەلقى بىلەن بىرلىكتە يېنىمىزدا تۇردى. نۇرغۇنلىغان ياردەملەرنى يەتكۈزدى. بولۇپمۇ تۈركىيە ئاخباراتلىرى بىزنىڭ پەريادلىرىمزنىڭ ساداسىغا ئايلاندى. بولغان ۋەقەلەرنى پەقەت تۈركىيە خەلقىگىلا ئەمەس، پۈتتۈن دۇنياغا ئاڭلاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمەن» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

نۇرى ئىسلام ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى  تەكىتلىدى.

خەلقئارا مېدىيا – ئاخبارات جەمئىيىتى باشلىقى ئاسلان دېغىرمەنجىمۇ بىرما ئارمىيەسى بىلەن رادىكال بۇددىست راھىپلارنىڭ باشلامچىلىقىدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ۋە كېڭىيىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ ئاخىرىلىشىشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ زور كۈچ چىقارغانلىقىنى ئېيتتى. ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش مەقسىتىدە تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدە ياردەم سەپەرۋەرلىكلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئاخباراتلىرىمىزمۇ ئاركانغا كۆزىنى يۇمۇۋالمىدى، قەتئىي يۇمۇۋالمايتتى. بۇددىست بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاراكاندىكى زۇلۇملىرىنى ئاخبارات ۋاستىلىرىمىز ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلاتتۇق» دېدى.

بىرما ئەسكەرلىرى «قوراللىق مىلىتانلارغا قارشى كۈرەش» دېگەننى باھانە قىلىپ، ئاراكاندا پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان 25 – ئاۋغۇستتىن بېرى مىڭلىغان مۇسۇلمانلار ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.  بىراق بىرما ھۆكۈمىتى رايونغا كىرىپ چىقىشقا رۇخسەت قىلمىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆلتۇرۇلگەن پۇقرالارنىڭ سانىنى ئېنىق ئىگىلەش مۇمكىن بولماي كەلمەكتە.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر