تۈركمەن شەھىرى كەركۈكتە زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەردى
ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە بىر تۈركۈم زوراۋان تۈركمەن ئۇششاق تىجارەتچىلەر ئۇيۇشمىسى بىناسىغا راكېتامىيوت ئاتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە كىملىكى نامەلۇم بىر تۈركۈم كىشى ئىراق تۈركمەن فىرونتىدىكى تۈركمەن ئۇششاق تىجارەتچىلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ بىناسىغا راكېتامىيوت ئاتتى.
ئازادى ساقچى ئىدارىسى خادىمى نەجدەت ۋىنداۋى راكېتامىيوتنىڭ تەخمىنەن 150 مېتىردىن ئېتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۇجۇمدا ھېچكىمنىڭ ھاياتىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىمىغانلىقىنى لېكىن ماددىي زىياننىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
نەجدەت ۋىنداۋى ۋەقە يۈز بەرگەن مۇساللا مەھەللىسىدە ساقچىلارنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغانلىقىنى، شۇنداقلا زوراۋانلارنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراق كۈرت (كورد)رايونلۇق ھاكىمىيىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن قانۇنسىز مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى (ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى)نىڭ كەركۈكتە ئۆتكۈزۈلۈشى سەۋبلىك ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن كوچىغا چىقىش مەنئىي قىلىنغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
فىلىپپىن بىخەتەرلىك قىسىملىرى دائېشقا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى
فىلىپپىن بىخەتەرلىك قىسىملىرى دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار 12 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.