شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمىتى باغدادنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى، ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئايرودۇرۇملارنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى باغدادقا ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلدى.

815131
شىمالىي ئىراق رايونلۇق ھۆكۈمىتى باغدادنىڭ تەلىپىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئايرودۇرۇملارنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ باغدادقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى، «چەت ئەل ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە قاتنىشىنى توختىتىپ قويىدىغانلىقى» نى ئېلان قىلدى.

ئىراق پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئورگىنى، چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ جۈمە كۈنىدىن باشلاپ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەۋەلىكىگە قاتناشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى، چېگرالارنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى 3 كۈن ئىچىدە باغدادقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلمىگەن تەقدىردە، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى قوش يۆنىلىشلىك توختىتىپ قويىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ پۈتكۈل ئىراق ۋە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە سەلبىي تەسىرلىرى بولىدۇ. بۇ بىر تەرەپلىمە بىر قەدەم ئىدى، بىراق خەلقئارانىڭ پىكرىگە قۇلاق سېلىنمىدى. ئىراقنىڭ بىرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيمىز. ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى توغرىسىدا سۆھبەتمۇ ئۆتكۈزمەيمىز» دېگەنىدى.

ئۇ يەنە، بەزى كورد ئەمەلدارلارنىڭ ئىراق پۇقرالىرى ئارىسىغا ئۆچمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بىز، كوردلار باشتا بولۇپ ھېچبىر پۇقرايىمىزنىڭ ئابرۇيىغا چېقىلمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.

مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى دۆلەتنىڭ پۈتكۈل جايلىرىدا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىراق باش مىنىستىرى ئىبادى، بىرلەشمە خامچوتىنىڭ ئاساسىي قانۇندا كۆرسىتىلگىنى بويىچە مەركىزىي ھۆكۈمەتكە قايتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتكەنىدى.

ئۇ يەنە، پۈتكۈل قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا چېگرا ئېغىزلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈشىنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى مەھەللىي، رايون ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى چاقىرىقلىرىغا قۇلاق سالمىدى. ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەۋەلىكىدىكى تاموژنىلار ئىراق چېگرا مۇداپىئە ئورگىنىغا قاراشلىقتۇر. چېگرا باشقۇرۇش ھوقۇقى 3 كۈن ئىچىدە باغدادقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلمىگەن تەقدىردە، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەۋەلىكىدىن قوزغىلىدىغان ۋە ئۇ تەۋەلىككە چۈشىدىغان پۈتكۈل خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە قاتناشلىرىنى توختىتىمىز. بۇ قارارنى ئىچكى كابىنېتتا چىقاردۇق. ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ بايلىقى تەكشۈرۈشتىن يىراق قالماقتا ۋە كىرىملىرى چەت ئەللەردىكى خۇسۇسىي ھېساباتلارغا كەتمەكتە.» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر