باغداد شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە 3 كۈن مۆھلەت بەردى

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى، پۈتكۈل قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا چېگرا ئېغىزلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈشىنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

814936
باغداد شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە 3 كۈن مۆھلەت بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى، چېگرالارنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى 3 كۈن ئىچىدە باغدادقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلمىگەن تەقدىردە، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتكۈل خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى قوش يۆنىلىشلىك توختىتىپ قويىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ پۈتكۈل ئىراق ۋە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىگە سەلبىي تەسىرلىرى بولىدۇ. بۇ بىر تەرەپلىمە بىر قەدەم ئىدى، بۇ يەردە خەلقئارانىڭ پىكرىگە قۇلاق سېلىنمىدى. ئىراقنىڭ بىرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيمىز. ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىسى توغرىسىدا سۆھبەتمۇ ئۆتكۈزمەيمىز» دېدى.

ئىبادى، بەزى كورد ئەمەلدارلارنىڭ ئىراق پۇقرالىرى ئارىسىغا ئۆچمەنلىك ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «بىز، كورد پۇقرالىرىمىز باشتا بولۇپ ھېچبىر پۇقرايىمىزنىڭ ئابرۇيىغا چېقىلمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى دۆلەتنىڭ پۈتكۈل جايلىرىدا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىراق باش مىنىستىرى ئىبادى، خامچوتىنىڭ ئاساسىي قانۇندا كۆرسىتىلگىنى بويىچە مەركىزىي ھۆكۈمەتكە قايتۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ يەنە، پۈتكۈل قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا چېگرا ئېغىزلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قولىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈشىنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى مەھەللىي، رايون ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى چاقىرىقلىرىغا قۇلاق سالمىدى. ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەۋەلىكىدىكى تاموژنىلار ئىراق چېگرا مۇداپىئە ئورگىنىغا قاراشلىقتۇر. چېگرا باشقۇرۇش ھوقۇقى 3 كۈن ئىچىدە باغدادقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلمىگەن تەقدىردە، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەۋەلىكىدىن قوزغىلىدىغان ۋە ئۇ تەۋەلىككە چۈشىدىغان پۈتكۈل خەلقئارالىق ئاۋىياتسىيە قاتناشلىرىنى توختىتىمىز. بۇ قارارنى ئىچكى كابىنېتتا چىقاردۇق. ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ بايلىقى تەكشۈرۈشتىن يىراق قالماقتا ۋە كىرىملىرى چەت ئەللەردىكى خۇسۇسىي ھېساباتلارغا كەتمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر