ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيە ئىراقنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوللايدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيە رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىراقنىڭ سىياسىي ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

814670
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيە ئىراقنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوللايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى فېدېرىكا موغېرىنى شىمالىي ئىراق رايونلۇق كۈرت (كورد) ھۆكۈمىتى 25-سېنتەبىر قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۆز ئالدىغا ئۆتكۈزگەن رېفېراندۇمدىن چوڭقۇر بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

موغېرىنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىراقنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «بۇ سەۋەبتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى رېفېراندۇمنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا، بولۇپمۇ تالاش-تارتىش ئاستىدىكى رايونلاردا ئۆتكۈزۈلمەسلىكنى چاقىرىق قىلدى، بىراق بۇ چاقىرىقنىڭ نەزەرگە ئېلىنمىغانلىقىدىن بىئارام بولماقتا» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا ۋە مەسىلىلەرگە سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا، ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدىكى بارلىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ئىراق ئاساسىي قانۇنى رامكىسىدا ھەل قىلىش توغرىسىدا ۋەدە بېرىش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

باياناتتا، ئىراقنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنىڭ، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تەھدىتىنى يوقىتىش، قايتۇرۇۋېلىنغان رايونلارنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش بىلەن، پۈتكۈل خەلققە پايدىلىق بولىدىغان شەكىلدە كەڭ دائىرەلىك ۋە گۈللەنگەن ئىراقنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن شەرت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

بۇ جەرياندا، رۇسىيە رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىراقنىڭ سىياسىي ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ مۇخبىرلارنىڭ شىمالىي ئىراق رايونلۇق كۈرت ھۆكۈمىتىنىڭ 25-سېنتەبىر قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۆتكۈزگەن رېفېراندۇم توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ تۈركيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھاسان رۇھانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، مەزكۇر مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ: «رۇسىيە رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىراقنىڭ سىياسىي ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدۇ» دېدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ 28-سېنتەبىر ئەنقەرەدە كۆرۈشكەندە رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى قاتارلىق بارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر