مېكسىكىدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانى 325 كە يەتتى

مېكسىكىدا ئۆتكەن ھەپتە مەيدانغا كەلگەن 7.1 بال يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانى 325 كە يەتتى.

814343
مېكسىكىدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانى 325 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا دۆلەتلىك پۇقراۋى قوغدىنىش كوردىناتورى لۇئىس فېلىپ پۇئېنتې ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق ئۇچۇر تارقىتىپ، يەر تەۋرەشتە 186 سى پايتەختتە بولۇپ جەمئىي 325 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مېكسىكىدا 8 – سېنتەبىردە مەيدانغا كەلگەن 8.1 بال يەر تەۋرەشتە 96 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر