ئامېرىكا يېڭى ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويۇلغان تىزىملىكنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئىران، لىۋىيە، سومالى، سۈرىيە، يەمەن، چاد، شىمالىي كورېيە ۋە ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا قارىتا قاتتىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەدبىرلىرى ۋە چەكلىمىلەر يولغا قويۇلغان يېڭى بەلگىلىمە قارارىنى ئېلان قىلدى.

813380
ئامېرىكا يېڭى ۋىزا چەكلىمىسى يولغا قويۇلغان تىزىملىكنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، ئىران، لىۋىيە، سومالى، سۈرىيە، يەمەن، چاد، شىمالىي كورېيە ۋە ۋېنېزۇئېلا پۇقرالىرىغا قارىتا قاتتىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەدبىرلىرى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ساياھەت قىلىش چەكلىمىلىرىنى يولغا قويۇش تەكلىپ قىلىنغان يېڭى قارارنى تەستىقلىدى.

ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا، يېڭى قارار تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلدى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ساياھەت چەكلىمىلىرى يەكشەنبە (24-سېنتەبىر) ۋاقتى توشقان «ترامپنىڭ ۋىزا چەكلىمە قارارى» نىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن ۋە 18-ئۆكتەبىردە رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.

يېڭى قارار بويىچە، قاتتىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش تەدبىرلىرى ۋە ساياھەت چەكلىمىلىرى يولغا قويۇلىدىغان دۆلەتلەر، ئىران، لىۋىيە، سومالى، سۈرىيە، يەمەن، چاد، شىمالىي كورېيە ۋە ۋېنېزۇئېلا بولدى. بۇرۇنقى تىزىملىكتە نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇسۇلمانلار ئىگىلىگەن دۆلەتلەر بار بولغان بولسا، يېڭى تىزىملىكتە قارارنى ئېتىراپ قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئورۇن ئېلىشى دىققەت قوزغىدى. بۇرۇنقى تىزىملىك ئىچىدىن ئورۇن ئالغان سۇدان يېڭى تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىدى. بىراق، شىمالىي كورېيە، ۋېنېزۇئېلا بىلەن چاد تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«پىرېزىدنېت بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئامېرىكا ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ مەتپەئەتىنى، بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا مەجبۇرمەن.»

پىرېزىدېنت ترامپ تۋىتتېردا بۇ ھەقتە: «بىخەتەر ھالدا تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزەلمەيدىغان كىشىلەرنى دۆلىتىمىزگە كېلىشىگە يول قويالمايمىز» دېدى.

ترامپ ھۆكۈمىتى 2017-يىلى مارت ئېيىدا نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى مۇسۇلمانلار ئىگىلەيدىغان ئىران، سۈرىيە، سۇدان، سومالى، يەمەن ۋە لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا 90 كۈن بويىچە يېڭى ۋىزا بەرمەسلىك، بۇ دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلەش ئىشلىرىنى 120 كۈن بويىچە توختىتىش توغرىسىدا قارار چىقارغان ئىدى.

سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان بۇ چەكلىمىلەر، ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ 26-ئىيۇندىكى قىسمەن تەستىقىدىن كېيىن يولغا قويۇلغان ئىدى. ئالىي سوت مەھكىىسى ۋىزا چەكلىمىسىگە «يېقىن ئائىلە مۇناسىۋىتى» دېگەن شەرتنى قويۇپ، قىسمەن ئىجرا قىلىش ئىمكانى ياراتقان ئىدى. تۆۋەن دەرىجىلىك سو ت مەھكىمىلىرىنىڭ «شەرت دائىرەسىنى كېڭەيتىش» تەلەپلىرى بولسا رەت قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر