تالىبان غەزنەدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى

تالىبان ئەزالىرى ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىنىڭ قاراباغ ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى.

812889
تالىبان غەزنەدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تالىبان ئەزالىرى ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىنىڭ قاراباغ ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، 5 ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

ساقچى تارماقلىرى بايانات بېرىپ، ھۇجۇمدا 5 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 8 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا، ئارقا سەپ كۈچلىرىنىڭ نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىشى بىلەن، تالىبان تېررورچىلىرىنىڭ چېكىنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا تالىبان ئەزالىرىنىڭمۇ تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تالىبان ھۇجۇم توغرىسىدا بايانات بېرىپ، ھۇجۇمدا 7 ساقچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر