مېكسىكىدا يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۆپىيىپ كەتتى
مېكسىكىدا سەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن 7.1 باللىق يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 273 كە يەتتى.
812214

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرەشتە 137 سى پايتەخت مېكسىكا شەھىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 273 كىشى قازا قىلغان. 73 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان مورېلائوس ئۆلكىسى ئەڭ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان.
مېكسىكىدا 8 – سېنتەبىر كۈنى مەيدانغا كەلگەن 8.1 باللىق يەر تەۋرەشتىمۇ 96 كىشى قازا قىلغانىدى.