ئىراق ئارمىيەسى ھاۋىجەنى قۇتۇلدۇرۇش ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىدى

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى، كەركۈككە قاراشلىق ھاۋىجەنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتۇلدۇرۇش ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى قەدىمىنىڭ باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

811140
ئىراق ئارمىيەسى ھاۋىجەنى قۇتۇلدۇرۇش ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى دۆلەتنىڭ رەسمىي تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۆز قىلىپ، «يېڭى بىر ئىراق شەپىقىدە ھاۋىجەنى قۇتۇلدۇرۇش ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ دەسلەپكى قەدىمىنىڭ باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرىمىز» دېدى.

«خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىزنىڭ بارلىق قىسىملىرى بىرلا ۋاقىتتا بىردىن كۆپ ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا ۋە ئارقا – ئارقىدىن زەپەر قۇچماقتا» دېگەن ھەيدەر ئىبادى، يېڭى بىر غەلىبىنىڭ ئۇپۇقتا باش كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، تۈنۈگۈن مۇسۇلغا قاراشلىق ماھمۇرغا بېرىپ، ناھىيەدە تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن ھاۋىجە ۋە سالاھۇددىن ۋىلايىتىگە قاراشلىق شىرغات رايونىنى قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆزلەشكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر