ئەردوغان دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارماقتا
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 72 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۇنيا رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باراماقتا.
811268
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندا ۋۇجىج، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پېترو پوروشېنكو، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې، ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئېدى راما، مولداۋىيە باش مىنىستىرى پاۋېل فىلىپ، سومالى باش مىنىستىرى ھەسەن ئەلى خەيرى، كىرودىيە باش مىنىستىرى ئاندرېج پلېنكوۋىچ قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى.
ئەردوغان يەنە، بلومبېرگ ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ۋە سابىق نىيۇ يورك شەھەر باشلىقى مايكېل بلومبېرگ ۋە ئەلىبابا ئىنتېرنېت تور بېتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مەسئۇلى جاك مانى قوبۇل قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
پولشا: زېمىنىمىزغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارمىز
پولشا ئۆز زېمىنىغا يادرو قوراللىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.