ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئەمدىلىكتە سۇ ئاپتىگە دۇچ كەلدى

ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار سۇ ۋە لاي – پاتقاق ئىچىدە قالغان چېدىرلىرىدا ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا.

810721
ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئەمدىلىكتە سۇ ئاپتىگە دۇچ كەلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمادىكى قەتلىئاملاردىن قاچقان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئەمدىلىكتە پەسىللىك يامغۇر سەۋەبىدىن سۇ ئاپىتىگە دۇچ كەلدى.

ئۈچ كۈندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز يېغىۋاتقان پەسىللىك يامغۇر ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى تېخىمۇ قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

ئاراكانلىقلار سۇ ۋە لاي – پاتقاق ئىچىدە قالغان چېدىرلىرىدا ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا. بەزىلەرنىڭ بامبۇك ياغىچى بىلەن ياىسۋالغان ئۆيلىرىمۇ سەل سۈيىدە ئېقىپ كەتتى.

ئالاقىدار مەسئۇللار پەسىللىك يامغۇرنىڭ رايوندا تاغ غۇلاپ چۈشۈش ۋەقەلىرىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

پاناھلانغۇچىلار لاگېرلىرىدا بولسا، ياردەم جەمئىيەتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان دوختۇرخانىلار كىچىك بالىلار بىلەن تولۇپ تاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر