شىمالىي كورېيە «دۈشمەن بازىلىرى» نى يوقىتىپ تاشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

شىمالىي كورېيە، قۇتراتقۇلۇققا دائىر كىچىككىنە ئىشارەتنى بايقىغىنىدا «دۈشمەن بازىلىرىنى يوقىتىپ تاشلاش» قا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

810830
شىمالىي كورېيە «دۈشمەن بازىلىرى» نى يوقىتىپ تاشلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تۈنۈگۈن ب د ت  يىغىنىدا قىلغان «مەجبۇر بولۇپ قالساق، شىمالىي كورېيەنى يوقىتىپ تاشلاشتىن باشقا تاللىشىمىز قالمايدۇ» دېگەن سۆزلىرىدىن كېيىن شىمالىي كورېيە بايانات ئېلان قىلدى.

شىمالىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى –KCNA نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پىيوڭياڭ، «ئەڭ كۈچلۈك يادرو قوراللىرى دۆلىتى سۈپىتىدە يۈكسەلگەن شىمالىي كورېيە، مىسلىسىز قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئېمبارگولار، بېسىملار ۋە ئۇرۇشتىن قورقمايدۇ» دېگەن.

شىمالىي كورېيە، قۇتراتقۇلۇققا دائىر كىچىككىنە ئىشارەتنى بايقىغىنىدا، قەتئىي ۋە ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، «دۈشمەن بازىلىرىنى يوقىتىپ تاشلاش» قا تەييار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى روبىرولىشىش ۋە ئۇرۇشنى تاللىغان تەقدىردە، قورقۇنچلۇق يادرو ھۇجۇمى ۋە بىر خارابىلىك بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

شىمالىي كورېيە، ئامېرىكىنىڭ پىيوڭياڭغا يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى چاقىرىقىغىمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «يېڭى ئېمبارگولار ئارقىلىق شىمالىي كورېيەنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلاش خامخىيالدىن ئىبارەت» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر