مېكسىكىدا شىددەتلىك يەر تەۋرىدى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى مېكسىكىدا تۈنۈگۈن كېچە 7.1 بال يەر تەۋرەپ، 248 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

810421
مېكسىكىدا شىددەتلىك يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكىنىڭ پايتەختى مېكسىكو سىتىيغا 123 كىلومېتىر يىراقلىقتا جايلاشقان پۇئېبلا شەھىرىدە تۈنۈگۈن كېچە 7.1 بال يەر تەۋرىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى 43 كىلومېتىر ئىكەن.

مېكسىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ساھىللىرىدا 8 – سېنتەبىردە مەيدانغا كەلگەن يەر تەۋرەشتە 98 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى. تۈنۈگۈنكى يەر تەۋرەش بولسا، 1985 – يىلى 19 – سېنتەبىردە يۈز بەرگەن 8.1 بال يەر تەۋرەشنىڭ خاتىرە كۈنىدە مەيدانغا كەلدى.

1985 – يىلىدىكى يەر تەۋرەشتە 6 مىڭ بىلەن 12 مىڭ ئارىسىدا ئادەم (ھەر خىل مەلۇماتلار بار) ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر