كاتالونيانىڭ رەسمىي ئورگانلىرىدا ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى
ئىسپانىيە قوراللىق ساقچى قىسمىنىڭ 1-ئۆكتەبىر مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى ئۆتكۈزمەكچى بولغان كاتالونيانىڭ رەسمىي ئورگانلىرىنى ئاختۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەدە قانۇنغا خىلاپلىقى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، 1-ئۆكتەبىردە مۇستەقىللىق رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان كاتالونيا ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئورگانلىرىنى تىنىتىش ھەرىكىتى باشلاندى.
ئىسپانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى قوراللىق ساقچى خادىملىرىنىڭ تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن، كاتالونيا ئاپتونوم ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق ئىقتىسادىي ئىشلار، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك، مالىيە ئىشلىرى ۋە تاشقى ئىشلار قاتارلىق بەزى ئىدارە-ئورگانلارنىڭ بىنالىرىدا ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
يەرلىك مەتبۇئاتلاردىكى خەۋەرلەردە، كاتالونيانىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋە ئىقتىساد مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىلىرىدىن جوسىپ مارىيا جوۋىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
ئىسپانىيە قوراللىق ساقچى قىسىملىرى يېقىنقى كۈنلەردە 1-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇستەقىللىق رېفېراندۇمىنى توختىتىش ئۈچۈن ئاختۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى كۆپەيتكەن ۋە بەزى شىركەتلەرنى ئاختۇرۇپ، رېفېراندۇمغا مۇناسىۋەتلىك 1.5 مىليوندىن ئارتۇق ھۆججەت ھەمدە تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى مۇسادىرە قىلغان ئىدى.