«ئىسرائىلىيەنى چاقماق تېزلىكىدە يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىمىز»

ئىران ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال سەييىد ئابدۇلرەھىم مۇسەۋى ئىسرائىلىيەگە يوق قىلىۋېتىش بىلەن تەھدىت سالدى.

809872
«ئىسرائىلىيەنى چاقماق تېزلىكىدە يەر بىلەن يەكسان  قىلىۋېتىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىران ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال سەييىد ئابدۇلرەھىم مۇسەۋى ئىسرائىلىيەگە «چاقماق تېزلىكىدە يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىش بىلەن»تەھدىت سالدى.

يېرۇسالېم پوچتا گېزىتنىڭ ئىران تاراتقۇلىرىنى ئاساس قىلىپ بەرگەن خەۋىرىگە كۆرە، مۇسەۋى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تۈنۈگۈن نىيۇيوركتا كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «سىيونىست ھاكىمىيەتنى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە قارشى تەلۋىلەرچە ھەرىكەت قىلماسلىقى ئۈچۈن كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرىمىز، بۇنداق بولۇپ قالغان تەقدىردە، تېل-ئاۋىۋ بىلەن ھايفانى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىمىز.»

ئاقساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا تىرامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ «ئىراننىڭ رايوندىكى شەيتانى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقلىرى»بىلدۈرۈلدى.

مۇسەۋى يەنە ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى پائالىيەتلىرىنى تەنقىد  قىلغان  بىر ئىسرائىلىيە ئەمەلدارغىمۇ نامىنى تىلغا قىلماستىن مۇنداق جاۋاب بەردى: «دۇنيا سىيونىست ئىسرائىلىيەلىك ئەمەلدار سادىر قىلغان جىنايەتنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئۇ ھازىر قانچىلىك ئۆمرى قالغانلىقى ئۈستىدە باش قاتتۇرسۇن، چۈنكى سىيونىست ھاكىمىيەت ئۆتكۈزىدىغان ھەر قانداق خاتالىق ياكى سادىر قىلىدىغان جىنايەت ئىسرائىلىيەنىڭ قالغان 25 يىللىق ئۆمرىنى تېخىمۇ قىسقارتىۋېتىدۇ، ئىران سىيونىست ھاكىمىيىتىنى چاقماق تېزلىكىدە يەر بىلەن يەكسان  قىلىۋېتەلەيدۇ.»

مۇسەۋىنىڭ بۇ باياناتىدا ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئايەتۇللاھ ھۇمەينىنىڭ ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى 21-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى چەرىكىدە يوق قىلىۋېتىش بىلەن سالغان تەھدىتىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر