تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د دېيرۇز زۇردىكى نېفىت قۇدۇقلىرىنى نىشان قىلماقتا
دائېشنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدىكى يېزىلاردىن توقۇنۇشماستىن چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د رايوندا تەخمىنەن 56 كىلومېتىر ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.
809369
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د دېيرۇز زۇرنىڭ نېفىتىنى قولغا چۈشۈرۈشنى نىشان قىلماقتا.
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د ئامېرىكانىڭ يارىدىمى بىلەن 9 – ئىيۇلدا سۈرىيەنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئىراق چېگراسىغا تۇتۇشىدىغان دېيرۇز زۇر شەھىرى يېزىلىرىغا قاراپ شەرقىي شىمالدىن ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
دائېشنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى يېزىلاردىن توقۇنۇشماستىن چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د رايوندا تەخمىنەن 56 كىلومېتىر ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى.
تېررولۇق تەشكىلاتى دائېش توقۇنۇشماستىن چېكىنىپ چىققان ئىراق چېگراسىدىكى رايونلاردا 11 مۇھىم نېفىت قۇدۇقىنىڭ بارلىقى مەلۇم.