ئافغانىستاننىڭ خوست شەھىرىدىكى بىر تېلېفون بازىرىدا پارتلاش يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ خوست ۋىلايىتىدىكى بىر بازاردا بومبىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 4 ئادەم ئۆلدى، 14 ئادەم يارىلاندى.

808618
ئافغانىستاننىڭ خوست شەھىرىدىكى بىر تېلېفون بازىرىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بومبىلىق ھۇجۇم، ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى خوست ۋىلايىتىدىكى يانفون بازىرىدا مەيدانغا كەلدى؛ خوست ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسى مۇدىرى فەيزۇللاھ خەيرات، «پارتلاش كىشىلەر يانفونلىرىغا مۇزىكا ۋە ۋىدېئو قاچىلاتقۇزىدىغان يانفون بازىرىدا مەيدانغا كەلدى» دېدى.

ئۇ، ھۇجۇمنىڭ تىزگىنەك ئارقىلىق يىراقتىن پارتلىتىلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر