باش مىنىستىر يىلدىرىم ئىراق باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

باش مىنىستىر يىلدىرىم ئىراق باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، يىلدىرىم 14 – سېنتەبىر كۈنى ئىراقتا يۈز بەرگەن ۋە 80 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىراق باش مىنىستىرى ئىبادىغا تەزىيە بىلدۈردى.

ئۇچرىشىشتا يەنە، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 25 – سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان رېفېراندۇم مەسىلىسى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

يىلدىرىم رېفېراندۇمنىڭ باشتىن – ئاخىر خاتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەربىل ھۆكۈمىتىنى بۇ تەشەببۇستىن ۋاز كەچتۈرۈش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ئىبادى بولسا، رېفېراندۇمغا پەقەت باغداد ھۆكۈمىتىلا ئەمەس، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ قارشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى ھەمدە رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلگەن تەقدىردىمۇ چىقىرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان مۇستەقىللىق قارارىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر