شىمالىي كورېيە بارلىق بېسىملارغا قارىماي يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى

شىمالىي كورېيە بارلىق بېسىملارغا قارىماي پايتەخت پىيوڭياڭغا يېقىن جايدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى.

807567
شىمالىي كورېيە بارلىق بېسىملارغا قارىماي يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى شىمالىي كورېيەنىڭ پايتەخت پىيوڭياڭغا يېقىن جايدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «شىمالىي كورېيە سۇنەنگە يېقىن جايدا سائەت 06:57دا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياپونىيەدىن ھالقىپ  تىنچ ئوكيانىڭ شىمالىغىچە يېتىپ باردى.»

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ 770 كىلومېتىر ئىگىزلىككىچە يۈكسىلىپ 3700 كىلومېتىر مۇساپە باسقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا جەنۇبىي كورېيە ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلدى.

بىر قىسىم خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى شىمالىي كورېيە قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ بۇنچىلىك ئۇزۇن مۇساپە باسمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن ياپونىيەدە گۈدۈكلەر چېلىنىپ خەلق پاناھ جايلارغا چاقىرىلدى.

ياپونىيە پىرېزىدېنتى يوشىخىدې سۇگا شىمالىي كورېيە قويۇپ بەرگەن ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ خوكەيدۇ ئارىلىدىن ئۆتۈپ، ئارالنىڭ 2000 كىلومېتىر شەرقىدىكى تىنچ ئوكيانغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە 29-ئاۋغۇستتا قويۇپ بەرگەن خۋاسوڭ (Hwasong)-12 تىپلىق ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىمۇ ياپونىيەدىن ھالقىپ تىنچ ئوكيانغا چۈشكەنىدى.

پىيوڭياڭ 2006-يىلى 3-سىنتەبىردىن بۇيان ئەڭ كۈچلۈك بولغان 6-قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئېلىپ باردى. بۇ سىناقتىن كېيىن ئامېرىكا تەرىپىدىن تەييارلانغان شىمالىي كورېيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى مەزمۇن قىلىنغان قارار لايىھەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ماقۇللاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر