ناتو دۇنيانى شىمالىي كورېيەگە جاۋاب قايتۇرۇشقا چاقىردى

ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ تۋىتتېر ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنياغا چاقىرىق ئېلان قىلدى.

807851
ناتو دۇنيانى شىمالىي كورېيەگە جاۋاب قايتۇرۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ تۋىتتېردا دۇنيانى شىمالىي كورېيەگە جاۋاب قايتۇرۇشقا چاقىردى. ئۇ: «شىمالىي كورېيە تۈنۈگۈن (14-سېنتەبىر) ب د ت قارارلىرىنى كۆزگە ئىلماي باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلىپ، خەلقئاراغا قانۇنغا خىلاپلىق قىلدى، پىيوڭياڭنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە تەھدىت سالىدۇ، بۇنىڭغا دۇنيا خاراكتېرلىك جاۋاب قايتۇرۇلۇشى كېرەك» دېدى.

يونھاپ ئاگېنتلىقى جەنۇبىي كورېيە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «بۈگۈن (15-سېنتەبىر) شىمالىي كورېيە سۇنان ئەتراپىدا شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 06:57 ئۆتكەندە نامى ئېنىق بولمىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى، بومبا ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۆتۈپ، تىنچ ئوكياننىڭ شىمالىغا چۈشتى» دەپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.

شىمالىي كورېيە 29-ئاۋغۇست سىناق قىلغان ئوتتۇرا مۇساپىلىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىمۇ ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۆتۈپ، تىنچ ئوكيانغا چۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر