شوتلاندىيەدە 400 دىن ئارتۇق بالا كۆمۈلگەن بىر كوللېكتىپ مازار بايقالدى

شوتلاندىيەدىكى «Smyllum Park» ناملىق بىر يىتىم – يېسىرلار پاراۋانلىق ئورنىغا يېقىن جايدا 400 دىن ئارتۇق بالا كۆمۈۋېتىلگەن بىر كوللېكتىپ مازار بايقالدى.

805329
شوتلاندىيەدە 400 دىن ئارتۇق بالا كۆمۈلگەن بىر كوللېكتىپ مازار بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇاردىيان گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 1864 – 1981 – يىللىرى ئارىسىدا ئاكتىپ پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان «Smyllum Park» ناملىق يىتىم – يېسىرلار پاراۋانلىق ئورنى، 11 مىڭدىن ئارتۇق يىتىم بالىغا باشپاناھ بولغان بولۇپ، ئارخىپ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ئورۇندىكى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى تۇبېركۇليوز ۋە ئۆپكە ياللۇغى دېگەندەك تەبىئىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

بىراق، ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان كوللېكتىپ مازار نۇرغۇن سوئال ئىشارەتلىرىنى پەيدا قىلدى. ساقچىلار، بالىلارنىڭ ناچار مۇئامىلىگە ئۇچراپ – ئۇچرىمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى؛ چۈنكى، 2004 – يىلىدىكى بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسى، مەزكۇر يىتىم – يېسىرلار پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنىڭ ناھايىتى ئېغىر ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر