مېكسىكىدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانى 96 غا يەتتى

مېكسىكىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا جۈمە كۈنى مەيدانغا كەلگەن 8.1 بال يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانى 96 غا يەتتى.

805418
مېكسىكىدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر سانى 96 غا يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەر تەۋرەشنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۇچرىغان شەھەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان جۇچىتان شەھىرىدە ئەسكەرلەر بىلەن فېدېراتسىيە ساقچىلىرى، تالاپەتكە ئۇچرىغان بىنالارنى يىقىش خىزمەتلىرىگە ياردەم قىلدى... قوشنا رايونلاردىن كەلگەن پىداكارلار، يەر تەۋرەش قۇربانلىرىغا ياردەم تارقىتىش ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلدى.

جۇچىتاندا تۈنۈگۈن ئەتىگەن 5.2 بال قالدۇق يەر تەۋرىدى. يەرلىك ئەمەلدارلار، دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىرغاقلىرىدا ۋەيرانچىلىق پەيدا قىلغان جۈمە كۈنىدىكى يەر تەۋرەشتىن كېيىن، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە 800 گە يېقىن قالدۇق يەر تەۋرىگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكا گىئولوگىيە تەتقىقات مەركىزى، مەركىزىي نۇقتىسى پىجىجىئاپان شەھىرىنىڭ 87 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىغا توغرا كېلىدىغان 8.1 بال يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش چوڭقۇرلۇقىنىڭ 69.7 كىلومېتىر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بىراق، مېكسىكا پىرېزىدېنتى ئېنرىك پېنا نىئېتو بولسا، تەۋرەش كۈچىنىڭ 8.2 بال ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر