ئامېرىكىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 7 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
804547
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى بىر ئۆيدە بىر قوراللىق ھۇجۇمچىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، كەم دېگەندە 7 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 2 ئادەم يارىلاندى.
ھۇجۇمچىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى. ھۇجۇمچى ۋە ھۇجۇمنىڭ قۇربانلىرىنىڭ كىملىكلىرى ئېلان قىلىنمىدى، ھۇجۇمنىڭ سەۋەبىنىڭمۇ تېخى ئېنىقلىنىپ بولمىغانلىقى قەيت قىلىندى.