دائېش دەيرۇززۇرنى پ ك ك / پ ي د غا بوشىتىپ بېرىشكە باشلىدى

دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈرىيەنىڭ دەيرۇززۇر شەھىرىنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى پ ي د غا بوشىتىپ بەردى.

804731
دائېش دەيرۇززۇرنى پ ك ك / پ ي د غا بوشىتىپ بېرىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پ ك ك / پ ي د،  سۈرىيە – ئىراق چېگراسىغا جايلاشقان دەيرۇززۇردا ئىككى كۈن ئىچىدە 45 كىلومتىېر ئىلگىرىلىدى؛ دائېش پ ك ك / پ ي د بىلەن توقۇنۇشماستىنلا شەھەرنىڭ چەت ياقىلىرىدىن چېكىنىشكە باشلىدى. ئامېرىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى پ ك ك / پ ي د كۈچلىرى دەيرۇززۇر شەھەر مەركىزىگە 6 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغىچە يېتىپ باردى. دائېش بولسا، كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالغان ۋىلايەتنىڭ چەت رايونلىرىدىن سۈرئەت بىلەن غەربىي جەنۇب تەرەپكە چېكىنىشكە باشلىدى.

بىر دۇمەين، ھۇجەيف زەرراف، ئالىجە، فەيداد ئەززەرراب، ۋادى ئەلھۇمەير، ئەبۇ سەكىرە، شەھەر مەركىزىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان سانائەت رايونى ۋە توقۇمۇچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئامبىرى جايلاشقان يەرلەر پ ك ك / پ ي د كۈچلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى.

ئىچكى ئۇرۇشتىن ئىلگىرى 230 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم ياشايدىغان دەيرۇززۇرنىڭ كۆپ قىسمى، 2014 – يىلى ئىيۇلدا دائېشنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنىدى. ۋىلايەتنىڭ چەت رايونلىرىنى كونتروللۇقى ئاستىغا ئالغان دائېش كۈچلىرى، مەركەزدىكى ھاكىمىيەت كۈچلىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغانىدى. رۇسىيە ھىمايىسىدىكى سۈرىيە ھاكىمىيەت كۈچلىرى، 5 – سېنتەبىردە غەرب تەرەپتىن ئىلگىرىلەپ، دائېش مۇھاسىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دەيرۇززۇر شەھەر مەركىزىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئىلگىرىلىشىنى داۋاملاشتۇرمىغانىدى. بۇ ئەھۋال، دەيرۇززۇرنى كېسىپ ئۆتىدىغان فىرات دەرياسىنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتى بىلەن پ ك ك / پ ي د ئارىسىدىكى چېگرا بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى توغرىسىدىكى ئانالىزلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغانىدى.

ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە دەيرۇززۇر توغرىسىدا سودىلىشىپ – سودىلاشمىغانلىقى ياكى كېلىشىم تۈزۈپ – تۈزمىگەنلىكىنى رەسمىي يوسۇندا ئېلان قىلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر