نوبېل كومىتېتى: سۇچىغا بېرىلگەن مۇكاپات قايتۇرۇۋېلىنمايدۇ

نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتېتى بىرما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە پىرېزىدېنت ئىشلىرى مىنىستىرى ئاڭسەن سۇچىغا 1991 – يىلى بېرىلگەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ قايتۇرۇۋېلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

804034
نوبېل كومىتېتى: سۇچىغا بېرىلگەن مۇكاپات قايتۇرۇۋېلىنمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (SVT') نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى ئولاۋ نىجولستاد بىرمىدا يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋە قەتلىئام ۋەقەلىرىدىن كېيىن سۇچىغا بېرىلگەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشىغا ئالاقىدار ئىنكاسلار توغرۇلۇق توختالغاندا: «نوبېل فوندىنىڭ قانۇن – نىزاملىرىغا ئاساسەن سۇچىغا بېرىلگەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى قايتۇرۇۋېلىش مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، نىجولستاد سۇچىغا بېرىلگەن مۇكاپاتنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشى توغرۇلۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىمزا سەپەرۋەرلىكىگە قاتناشقانلار سانى 300 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەن: «نوبل كومىتېتى مۇكاپاتلىماقچى بولغان كىشىلەرنى شۇ ۋاقىتتىكى پائالىيەتلىرىگە ئاساسەن باھالاپ چىقىدۇ. كومىتېتنىڭ بۇرۇن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ كېيىنكى پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق قارار چىقىرىش بەلگىلىمىسى يوق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر