نىگېرىيەدە خولېرا تۈپەيلى 1 مىليون 400 مىڭ كىشىنىڭ خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلارغا ياردەم فوندى جەمئىيىتى نىگېرىيەدە خولېرا تۈپەيلى 1 مىليون 400 مىڭ كىشىنىڭ خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

803314
نىگېرىيەدە خولېرا تۈپەيلى 1 مىليون 400 مىڭ كىشىنىڭ خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلارغا ياردەم فوندى جەمئىيىتى نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي رايونلىرىدا باش كۆتۈرگەن خولېرا يۇقۇملۇق كېسەللىكى تۈپەيلى 1 مىليون 400 مىڭ كىشىنىڭ خەتەر ئاستىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي رايونلىرىدا خولېرا يۇقۇملۇق كېسەللىكى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 28گە چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رايوندا يەنە 837 كىشىنىڭ خولېرا يۇقۇملۇق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «خولېرا يۇقۇملۇق كېسەللىكى تۈپەيلى نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي رايونلىرىدا ياشاۋاتقان 350مىڭى بالىلار بولۇپ جەمئىي 1 مىليون 400 مىڭ كىشى خەتەر ئاستىدا تۇرماقتا.»

خولېرا يۇقۇملۇق كېسەللىكىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام تەشكىلاتى بىلەن نىگېرىيە ئارمىيەسى توقۇنۇشىۋاتقان رايونلاردا كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، رايون خەلقىنىڭ پاكىز سۇغا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

نىگېرىيەنىڭ پاكىز سۈ بولمىغان يېزا-قىشلاقلىرىدا داۋاملىق خولېرا يۇقۇملۇق كېسەللىكى تارقىلىپ تۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر