مالايشىيا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

مالايشىيا مالايشىيادا تۇرۇشلۇق بىرما ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىردى.

801445
مالايشىيا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا ئاراكان ۋىلايىتىدىكى زوراۋانلىق قىلمىشلىرىدىن تولىمۇ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن مالايشىيادا تۇرۇشلۇق بىرما ئەلچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىردى.

مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانىفاھ ئامان بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ باڭلادېش چېگراسىدا ياشايدىغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرىنىڭ ھەل  قىلىنىشى ئۈچۈن يېتەرلىك قەدەملەرنى تاشلىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامان مۇنداق دېدى: «مالايشىيا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى ۋە ئايرىمچىلىق قىلمىشلىرىنى خەلقئارالىق  ئورگانلارغا يەتكۈزىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر