لاۋروۋ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ شىمالىي كورېيەنىڭ يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى توغرۇلۇق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللىرسۇن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

799323
لاۋروۋ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «تېلېفون ئۇچرىشىشىنىڭ ئاساسلىق نىشانى شىمالىي كورېيەنىڭ تۈنۈگۈن ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى بولۇپ، تەرەپلەر بۇ ئارقىلىق پىيوڭياڭنىڭ يەنە بىر قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بىر قاتار قارارلىرىنى قاتتىق دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى.»

باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى سۈركىلىشنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر چارىسىنىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىك يوللار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن لاۋروۋ، مۆلچەرلىگۈسىز ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەر تۈرلۈك ھەربىي قەدەملەردىن يىراق تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر