ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىرمىنى ئەيىبلىدى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىرمىنىڭ ئاراكان ئۆلكىسىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئائىت ئۆي – ماكانلارنىڭ سىستېمىلىق ھالدا چېقىلىشىنى ئەيىبلىدى.

798875
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىرمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، «رايوندىكى يېزىلار ۋە ئۆي – ماكانلارنىڭ كۆپىنچىسى ساقچىلار ۋە ئەسكەرلەر ياردەم بېرىۋاتقان گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن سىستېمىلىق ھالدا چېقىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مىڭلارچە كىشى رايوندىن قاچتى» دېيىلدى.

بۇ ۋەقەلەرنىڭ روھىڭيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە خىلاپلىق قىلىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارغا ئادالەت ۋە پۇقرالىق پىرىنسىپلىرى بويىچە مۇئامىلە قىلىنمىغان تەقدىردە، پۈتكۈل رايوننىڭ مۇقىملىقىنىڭ خەۋپكە دۇچ كېلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر