ئەنگلىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى

ئەنگلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئاراكاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى.

798649
ئەنگلىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ماتېۋ رىروفت ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىرمىنىڭ ئاراكان ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىرغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيە بىرمىنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تەلەپ سۇندى. ئاراكاندا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەك. بارلىق تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىرىمىز.» خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ ھەقتە بۈگۈن يىغىن چاقىرىشى كۈتۈلۈۋاتاتتى. بىراق خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتتېررېس تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىرمىنىڭ ئاراكان ئۆلكىسىدە «بىخەتەرلىك ھەرىكىتى» جەريانىدا پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن قاتتىق قايغۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى. 25 – ئاۋغۇست ساقچى كونترول نۇقتىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن كېيىن بىرما دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى ئېلىپ بارغان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە كۆپ ساندا پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇن كىشى ئۆي – ماكانلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر