بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى راماللاھتا
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتتېررېس ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى راماللاھتا زىيارەتتە بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گۇتتېررېس زىيارىتى دائىرىسىدە ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى پەلەستىنلىك تۇتقۇنلارنىڭ يېقىن - يورۇقلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ئۇچرىشىشتا، تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئۇلارنىڭ تىببىي جەھەتتىن سەل قارىلىش، ئاياللار، بالىلار ۋە پارلامېت ئەزالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە شېھىت مېيىتلىرىنىڭ بېرىلمەسلىكىدەك ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، گۇتتېررېستىن مەھبۇسلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن جىددىي ۋە ئەمەلىيەتچىل قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتىلىشىنى تەلەپ قىلدى. گۇتتېررېس بولسا: «پەلەستىنلىك تۇتقۇنلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى چۈشىنىمىز، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز» دېدى. بۇ ئارىلىقتا، پەلەستىنلىك ئەسىرلەر ۋە قويۇپ بېرىلگەنلەر ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلى ئىسا كاراكىنىڭمۇ گۇتتېررېستىن ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىك تۇتقۇنلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدىن يىغىن چاقىرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.