پاكىستان ھىندىستانغا ئۇلتىماتۇم تاپشۇردى

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ھىندىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىل ياردەمچىسى ج.پ.سىنگنى مىنىستىرلىققا چاقىرىپ، نارازىلىق ئۇلتىماتۇمى تاپشۇردى.

798381
پاكىستان ھىندىستانغا ئۇلتىماتۇم تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ تۈنۈگۈن كېچە پاكىستاننىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئازاد كەشمىرنىڭ فاتېھپۇر بازىرىغا قىلغان زەمبىرەك ھۇجۇمىدا 3 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىدىن كېيىن، سىنگنى مىنىستىرلىققا چاقىرىپ، نارازىلىق ئۇلتىماتۇمى تاپشۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمغا «ئۇرۇش توختىتىشقا ئورۇنسىز خىلاپلىق قىلىش» دەپ باھا بېرىلگەن باياناتتا، «پۇقرالارنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشى ھەقىقەتەنمۇ ئېچىنىشلىق بىر ۋەقەدۇر، كىشىلىك ھوقۇققا، ئىززەت – ئابرۇيىغا ۋە ئىنسانىي ھوقۇقىغا زىتتۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

پاكىستان ساقچى تارماقلىرى، ھىندىستان زەمبىرەكچى قىسىملىرىنىڭ تۈنۈگۈن كېچە فاتىھپۇر بازىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ئوقلارنىڭ بىرىنىڭ بىر ئۆيگە چۈشۈپ، 3 پۇقرانىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

كەشمىر ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى مۇسۇلمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بىر رايون بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئەنگلىيەدىن مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان 1947 – يىلىدىن بۇيان ئىگىلىك ھوقۇق دەتالاشلىرىغا تېما بولۇپ كەلمەكتە.

پاكىستاننىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئازاد كەشمىر بىلەن ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى جاممۇ كەشمىر رايونلىرىنى ئايرىپ تۇرىدىغان كونترول سىزىقىدا پات – پات تەرەپلەر ئارىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ھەر قېتىم ئىككى تەرەپ بىر – بىرىنى 2003 – يىلى ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر