دۇنيا روبوت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ روبوت (ماشىنا ئادەم) يەرمەنكىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان «دۇنيا روبوت يىغىنى» خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

797968
دۇنيا روبوت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەش كۈن داۋام قىلغان دۇنيا روبوت يىغىنىدا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن روبوتلار ماھارەت كۆرسەتتى، ھەتتا ئۆزئارا رىقابەتلەشكەن ئەھۋاللارمۇ بولدى.

دۇنيانىڭ تۇنجى ژۇرنالىست روبوتى (ماشىنا ئادىمى) İnspire، بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە تونۇتۇلدى، ئۇ تۇنجى قېتىملىق سۆھبىتىنى شۇ جەرياندا ئۆتكۈزدى.

دۇنيا روبوت يىغىنىغا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 150 ئۇنىۋېرسىتېت ۋە روبوت شىركىتىدىن جەمئىي 300 دىن ئارتۇق ئۆمەك ئىشتىراك قىلدى.

خىتاي، دۇنيا روبوت سانائىتى بازىرىنىڭ %30 ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، بۇ يىل روبوت سانائىتى بازىرىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 4 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق، دەپ مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر