ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكا ئارمىيەسى، شىمالىي كورېيەنىڭ قىسقا مۇساپىلىك ئۈچ دانە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى، سىناقلارنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

797073
ئامېرىكا شىمالىي كورېيەنىڭ باللىستىك بومبا سىناق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قىسىملىرى قوماندانلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ كاڭۋون رايونىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۈچ دانە قىسقا مۇساپىلىك باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنىڭ ھەممىسىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى، بومبىلاردىن ئىككىسىنىڭ ھاۋادا، بىرىنىڭ بولسا، قويۇپ بېرىلىشىدىن كېيىنلا پارتلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. باياناتتا، شىمالىي كورېيە بومبا سىناق قىلغان پەيتلەردە رايوندا ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن جەنۇبىي كورېيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ مۇداپىئە مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، شىمالىي كورېيە بۇ مانېۋىرلارنىڭ شىمالىي كورېيەگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تەييارلىقى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئامېرىكا تەرەپنىڭ باياناتىدا، قويۇپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا خەۋپ ئېلىپ كەلگۈدەك مۇساپىگە ئىگە ئەمەسلىكى تەكىتلەندى.

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى، شىمالىي كورېيەگە يادرو قورالى ياساش يولىدىكى پائالىيەتلىرى يۈزىسىدىن 2006 – يىلىدىن بۇيان ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھوقۇق تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ۋاشىنگتون شىمالىي كورېيەگە بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتتى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەشەببۇسى ئارقىسىدا تەييارلانغان، شىمالىي كورېيەنىڭ ئېكسپورت كىرىملىرىنى ئۈچتە بىر ئازايتىشنى مەزمۇن قىلغان ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارى 5 – ئاۋغۇستتا قوبۇل قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر