ئامېرىكىدا بىر رېستوراندا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتى چارلېستون شەھىرىدىكى بىر رېستوراندا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

796511
ئامېرىكىدا بىر رېستوراندا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىدىكى چارلېستون شەھىرىدە بىر رېستوراندا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ۋەقەدە بىر ئادەم يارىلانغان ۋە بەزى كىشىلەر گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان.

چارلېستون شەھەر باشلىقى جون تېكلېنبۇرگ مۇخبىرلارغا ۋەقە ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، ھۇجۇمچىنىڭ رېستوراندا ئىشلەيدىغانلىقىنى، خىزمىتىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن مەزكۇر ھۇجۇمنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

شەھەر باشلىقى جون تېكلېنبۇرگنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمچى رېستورانغا كەلگەندىن كېيىن بىر كىشىنى يارىلاندۇرۇپ، بەزى كىشىلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان. خەۋپسىزلىك خادىملىرى كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھۇجۇمچى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە كىرىشكەن.

بۇ جەرياندا، يارىلانغان كىشىنىڭ رېستوراننىڭ باشقۇرغۇچىسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى، بىراق سالامەتلىك ئەھۋالىغا ۋە قانچە كىشىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

ساقچىلار ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بەزى يوللاردا دەرھال قاتناشنى توختاتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر