ناتو ئافغانىستان توغرىسىدا رۇسىيەگە جاۋاب قايتۇردى

ناتو (NATO) نىڭ ئافغانىستاندىكى قىسمىنىڭ قوماندانى جون نىكولسون ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندا ھەرگىزمۇ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

796814
ناتو ئافغانىستان توغرىسىدا رۇسىيەگە جاۋاب قايتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتونىڭ ئافغانىستاندىكى قىسمىنىڭ قوماندانى جون نىكولسون پايتەخت كابۇلدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. ئۇ ناتو بىلەن ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ ئامېرىكانىڭ يېڭى ئافغانىستان ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئافغانىستان خەلقىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يېڭى ئىستراتېگىيەنىڭ ئىجرا قىلىنىشى بىلەن تەڭ ئافغانىستان خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا بولغان ياردەمنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئافغانىستاندا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئورۇن يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى ۋە تالىبانغا چاقىرىق قىلىپ: «قورال تاشلاپ، تىنچلىققا ئىشتىراك قىلىڭلار» دېدى. ئۇ ئافغانىستان خەلقىنىڭ تىنچلىقنى خالايدىغانلىقىنى، ئافغانىستاندا تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ناتو يەرلىك قىسىملارنى تەربىيەلەش، مەسلىھەتچىلىك قىلىش ۋە ياردەم قىلىش ئۈچۈن 13 مىڭ 500 ئەسكەر تۇرغۇزۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ 8 مىڭ 400 ىنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىگىلەيدۇ.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ مۇشۇ ھەپتە بېشىدا ئېلان قىلغان «يېڭى ئافغانىستان ئىستراتېگىيەسى» نى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر