ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 7 - فىلوتىنىڭ قوماندانى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دېڭىز ئارمىيەسى 7 – فىلوتىنىڭ قوماندانى گېنېرال جوسېف ئاۋكوئىننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

795325
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 7 - فىلوتىنىڭ قوماندانى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 7 – فىلوتىنىڭ قوماندانى گېنېرال جوسېف ئاۋكوئىن، ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى بەزى ھەرىكەتلىرى جەريانىدا قازاغا ئۇچرىشىدىن كېيىن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكيان فىلوتى قوماندانى گېنېرال سىكوت سىۋىفت، ئامېرىكا 7 – فىلوتى قوماندانى گېنېرال جوسېفنىڭ «قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارىغا بولغان ئىشەنچ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن» ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، مەزكۇر قارارنىڭ چىقىرىلىشىدا تىنچ ئوكياندا مۇشۇ يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن تۆت قېتىملىق قازانىڭ مۇھىم رولىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

تىنچ ئوكياندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پۈتكۈل پاراخوتلارنىڭ رېمونت قىلىنىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان سۋىفت، ھەر بىر پاراخوتنىڭ ھەم مەشقتىن ھەم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

دېڭىز ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 2015 – يىلى ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغان گېنېرال جوسېفنىڭ ئورنىغا بىرىگادا گېنېرالى فىلىپ ساۋيېرنىڭ تەيىنلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

7 – فىلوت 70 ئەتراپىدا ھەرخىل پاراخوت، 140 ئايروپىلان ۋە 20 مىڭ دېڭىز ئارمىيە ئەسكىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر