بۇلغارىيەدە بىر سۈرىيەلىك جامەگە ھۇجۇم قىلدى

جامەگە ھۇجۇم قىلغان گۇماندارنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش جىنايەتلەرنى سادىر قىلىپ، سوفىيە تۈرمىسىدە ئۇزۇن مەزگىل ياتقانلىقى ۋە تېخى يېقىندىلا تۈرمىدىن چىققانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

795020
بۇلغارىيەدە بىر سۈرىيەلىك جامەگە ھۇجۇم قىلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بولغارىيەنىڭ پايتەختى سوفىيەدىكى ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ يادىكارلىقى ۋە بىردىن - بىر جامەسى بولغان «بانيا بېشى جامەسى»گە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى.

سوفىيە رايونلۇق مۇفىتىسى مۇستافا ئىزبىشتالى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ كىملىكى تېخىچە ئاشكارىلانمىغان ۋە بۇلغارىيەگە قانۇنسىز يوللار بىلەن كىرگەن سۈرىيەلىك بىر كىشى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىزبىشتالى ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ يېرىم كېچىدە جامەنىڭ دەرۋازىنى چېقىپ، ئىچىگە كىرگەنلىكىنى ۋە جامەنىڭ دىرىزىلىرىنى سۇندۇرۇشتىن باشقا يەنە، ماددىي زىيانلارنىمۇ سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچى مەسئۇللىرى جامەنىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋاتقان چارلاش ئەترىتىنىڭ جامەدىن قىلىۋاتقان ئاۋازدىن گۇمانلىنىپ، جامەگە كىرگەنلىكىنى، گۇماندارنى نەق مەيداندا تۇتۇپ، ساقچىخانىدا نازارەتكە ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن بۇلغارىيەدە ھېچ قانداق قانۇنلۇق سالاھىيىتى بولمىغان چەت ئەللىك گۇماندارنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش جىنايەتلەرنى سادىر قىلىپ، سوفىيە تۈرمىسىدە ئۇزۇن مەزگىل ياتقانلىقى ۋە تېخى يېقىندىلا تۈرمىدىن چىققانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

جامەنىڭ رەسمىي ئىسمى «قازى سەيفۇللاھ جامەسى» بولۇپ، مىمار سىنان ئۇسلۇبى بويىچە 1566 – يىلىدا ياسالغانلىقى مەلۇم. ئەمما خەلق ئارىسىدا بۇ جامە «بانيا بېشى جامەسى» دەپ بىلىنىدۇ.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر