ئىران ئامېرىكىغا ھەيۋە كۆرسەتتى

ئىران ئامېرىكا ئېمبارگو قويۇشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە ئۇران قويۇقلاندۇرۇشنى تېزلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

794499
ئىران ئامېرىكىغا ھەيۋە كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئىدارىسى باشلىقى ئەلى ئەكبەر سالىھى مۇنداق دېدى: «پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشساق، ئەڭ ئاز 5 كۈن ئىچىدە يادرو بازىسىدا ئۇراننى %20 ئەتراپىدا قويۇقلاندۇرۇغىلى بولىدۇ.»

سالىھى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يادرو كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن، بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشىنى خالىمايمىز، ئەلۋەتتە.»

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىمۇ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا يېڭى ئېمبارگولار قويغان تەقدىردە 2015-يىلى ھاسىل بولغان يادرو كېلىشىمىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكار قىلىۋېتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.

ئىران 2015-يىلى رۇسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكا بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈپ يادرو كېلىشىمى ھاسىل قىلدى، بۇ كېلىشىمنىڭ نەتىجىسىدە ئۇران قويۇقلاندۇرۇش سەۋىيەسىنى %5نىڭ ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشنى قوبۇل قىلدى، بۇنىڭ بەدىلىگە  ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ يىنىكلىتىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر