ئەشرەف غەنى ترامپنىڭ قارارىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى دونالد ترامپنىڭ ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى توغرۇلۇق بەرگەن قارارىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

794405
ئەشرەف غەنى ترامپنىڭ قارارىدىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلىشىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

غەنى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «رايوننى تېررورلۇق تەھدىتىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بېرىلگەن بۇ قارار سەۋەبىدىن، ترامپ بىلەن ئامېرىكا خەلقىگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن»

ئەشرەف غەنى يېڭى ئىستىراتېگىيەسىنىڭ ئافغانىستان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتتى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى تالىبان باياناتچىسى زابىئۇللاھ مۇجاھىد ترامپنىڭ قارارىنى ئەيىبلىدى.

باياناتچى ئافغانىستاننىڭ ئامېرىكىنىڭ «قەبرىستانلىقى»غا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭ ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىش ئىستىراتېگىيەسى ئۈستىدە ئويلىشىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

دونالد ترامپ ۋىرجىنيا ئىشتاتىدىكى فورت مايېر ھەربىي بازىسىدا سۆز قىلغاندا، ئافغانىستانغا مۇناسىۋەتلىك يېڭ ئۇرۇش ئىستىراتېگىيەسىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ «ۋاقىتنى ئاساس قىلغان»ئىستىراتېگىيەلەرنىڭ ئورنىغا «ئەمەلىي شارائىتنى ئاساس قىلغان»ئىستىراتېگىيەلەرگە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر