خىتاينىڭ ئەنخۇي ئۆلكىسىدە ئىككى يېرىم مىليون كىشى تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى
خىتاينىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئەنخۇي ئۆلكىسىدە مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيان يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەر 2 يېرىم مىليونغا يېقىن ئادەمگە زىيان يەتكۈزدى.
793791
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئەنخۇيدا كۆرۈلگەن بوران، شىۋىرغان، قۇرغاقچىلىق ۋە سۇ ئاپىتى دېگەندەك تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ 285 مىڭ گېكتار جايدىكى 2 مىليون 485 مىڭ ئادەمگە زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
تەبىئىي ئاپەتلەر، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ 13 شەھەر، 52 ناھىيەسىدە 186 بىنانىڭ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشىنى، 4 مىڭدىن ئارتۇق بىنانىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، 20 مىڭ ئادەم ئۆي – ماكانىدىن ئايرىلىپ قالدى.
تەبىئىي ئاپەتلەر، ئەنخۇي ئۆلكىسىدە 1 مىليارد 730 مىليون يۈەن (259 مىليون 290 مىڭ دوللار ئەتراپىدا) ئىقتىسادىي زىيانغا سەۋەب بولدى.