دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: يەمەندىكى ۋەقەلەردە ئۆلگەنلەر سانى 8300 دىن ئېشىپ كەتتى

يەمەندىكى 2015 – يىلىنىڭ مارت ئېيىدا باشلانغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 8300 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

793438
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: يەمەندىكى ۋەقەلەردە ئۆلگەنلەر سانى 8300 دىن ئېشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، يەمەندە 2015 – يىلى 19 – مارتتىن 2017 – يىلى 15 – ئاۋغۇستقىچە بولغان جەرياندىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 8380 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 47741 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭ سەھىيە ئورگانلىرىدىن ئېلىنغان رەسمىي سانلىق مەلۇماتلار ئىكەنلىكى، ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ھەقىقىي سانىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ بولۇش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنغان دوكلاتتا، ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرىنىڭ توقۇنۇشلار باشلىغان بىرىنچى يىلدا مەيدانغا كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يەمەندە، ھۇسىيلار بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارلىرى، 2014 – يىلى سېنتەبىر ئېيىدىن بۇيان پايتەخت سانئانىڭ كونتروللۇقىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا.

سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر بولسا، 2015 – يىلى مارت ئېيىدىن بۇيان ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتى قوللاپ، دۆلەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر