ئىراق ھۆكۈمىتى تەلافەر ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى، تەلافەرنى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن قۇتۇلدۇرۇش ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ رەسمىي باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

793147
ئىراق ھۆكۈمىتى تەلافەر ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەيدەر ئىبادى ئىراق دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۆز قىلىپ، «تەلافەر شەھىرى قۇتۇلدۇرۇلۇشقا قاراپ كېتىۋاتىدۇ. تەلافەر شەھىرىدىكى دائېش ئەزالىرىنىڭ تەسلىم بولۇش ياكى ئۆلتۈرۈلۈشتىن باشقا تاللىشى يوق» دېدى.

ئۇ، تەلافەر ھەربىي ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلغان كۈچلەر توغرىسىدا توختىلىپ، «ئىراق ئەسكەرلىرى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسىملىرى، فېدېراتسىيە ساقچى كۈچلى ۋە (ئىران ھىمايىسىدىكى) ھەشدۇششەئبى بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتكە ئىشتىراك قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىراق ئارمىيەسى ئەمەلدارلىرى، باشلىنىش ئالدىدىكى تەلافەر ھەربىي ھەرىكىتىگە 40 مىڭ ئەتراپىدا خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

مۇسۇل شەھەر مەركىزىنىڭ 63 كىلومېتىر غەربىگە جايلاشقان، كۆپ سانلىق ئاھالىسى تۈركمەنلەردىن تەشكىل تاپىدىغان تەلافەر شەھىرى، 2014 – يىلى 16 – ئىيۇندىن بۇيان دائېشنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر