ياۋورپادىكى شايكىلىرى پ ك ك غا ھەر يىل 80 مىليون فوندسىتېرلىڭ يوللىماقتا

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ياۋروپادىكى شايكىلىرى ئارقىلىق يىلىغا 80 مىليون فوندسىتېرلىڭ كېرىم قىلماقتا.

792996
ياۋورپادىكى شايكىلىرى پ ك ك غا ھەر يىل 80 مىليون فوندسىتېرلىڭ يوللىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزى لوندوندا تۇرۇشلۇق «The Henry Jackson Society» ناملىق تەتقىقات ئورگىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە پ ي د قۇرۇلمىسى ھەققىدە شۇنداقلا  تۈركىيە، سۈرىيە ۋە ياۋروپادىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى.

دوكلاتتا تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سىسىتىرالار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا دۆلەت كادىرلىرىنى شېھىت قىلغانلىقى، شەھەرلەردە ئادەم بومبا ھۇجۇمى بىلەنمۇ شۇغۇللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى، ناتو ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تېرورلۇق تىزىملىكىدە بارلىقى، شۇنداق تۇرۇغلۇق پ ك ك نىڭ ياۋروپاغا ئۇرۇنلاشتۇرغان شايكىلىرى ئارقىلىق مەخسۇس فوند شەكىللەندۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، «ياۋروپادىكى پ ك ك شايكىلىرى مۇھاجىرەتتىكى كۇردلەرنى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىپ، قارا پۇل ئاقلاش، زەھەرلىك چېكىملىك، ئادەم ئەتكەسچىلىكى ۋە قورال سودىسى بىلەن شۇغۇللانماقتا. بۇنىڭدىن باشقا تاماكا ۋە چاي تىجارىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، يىلىغا 80 مىليون فوندسىتېرلىڭ ئەتراپىدا كىرىم قىلماقتا. بۇ پۇللار تۈركىيەدىكى تېررولۇق پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىلمەكتە. ھەتتا ياۋروپادىكى تۈركىيە دۆلىتىگە تەۋە جايلارغا، كۇردلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋە پ ك ك دۈشمەن دەپ قارىغان كىشىلەرگە قارشى پائالىيەتلەرگىمۇ سەرپ قىلىنماقتا» دېيىلدى. 

دوكلاتتا يەنە، پ ك ك نىڭ سۈرىيەدە پ ي د ۋە ي پ گ نى ، ئىراقتا پ ج د ك نى، ئىراندا بولسا، پى ج ئا ك تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ چىققانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

دوكلاتتا، ي پ گ نىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ساندا چەت ئەللىك تېررورچىلارنىڭ بارلىقى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرسى، پۇقرالىرنىڭ ي پ گ غا قېتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قايتىپ كەلگەنلەرنى بولسا، جەمئىيەتكە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەربىيە ئېلىپ بېرىش ئىكەنلىكىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر