رۇسىيەدىكى پىچاقلىق ھۇجۇمدا 8 كىشى يارىدار بولدى
ساقچىلار ھۇجۇم قىلغۇچىنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىدى.
792947
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ سۇرگۇت شەھىرىدە بىر كىشى يولدىن ئۆتۈۋاتقان كىشىلەرگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
ھۇجۇمدا 8 كىشى يارىدار بولدى. ساقچىلار ھۇجۇم قىلغۇچىنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىدى.
ۋەقەدىن كېيىن رۇسىيە ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى رايوندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يۇقىرى پەللىگە چىقاردى.
ۋەقەنىڭ سەۋەبىگە دائىر تەكشۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا.