ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى: تۈركىيە بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق ئورنىتىمىز

ئىران ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى بىرىگادا گېنېرالى مۇھەممەد باقىرى تۈركىيەدىكى زىيارىتى توغرىسىدا ئىران تاراتقۇلىرىغا بايانات بەردى.

791896
ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى: تۈركىيە بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق ئورنىتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى بىرىگادا گېنېرالى مۇھەممەد باقىرى تۈركىيەدىكى زىيارىتى توغرىسىدا ئىران تاراتقۇلىرىغا بايانات بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇش ۋە ھەرىكەت ھەمكارلىقى ئورنىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى باقىرى، «تۈركىيەدە ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ ئۇلى تېشىنى قويدۇق. ئىران – تۈركىيە ئىستىخبارات ئالماشتۇرىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى. ئۇ، ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىن باش ئىشتاب باشلىقى سەۋىيەسىدە تۇنجى قېتىم بىر ئىرانلىق تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، زىيارەتنىڭ ئىران رەھبىرى ئايەتۇللاھ خامەنېينىڭ ماقۇللىقى بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەربىي ھەرىكەت ۋە چېگرا بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەتنىڭ ناھايىتى ياخشى چۈشىنىش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن باقىرى، «ئورتاق تەلىم – تەربىيە ۋە ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق. ئىككى دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسى ئۆزئارا بىر – بىرىنىڭ دۆلىتىدە زىيارەتتە بولىدۇ. ھەربىي مانېۋىرلارغا كۆزەتكۈچى ئەۋەتىدۇ» دېدى.

تۈركىيە زىيارىتىنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىرانلىق گېنېرال، «ھەربىي، مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى كۆپلىگەن مەسىلىنىڭ ئاساسىي تۈركىيە زىيارىتى (م) جەريانىدا قويۇلدى ۋە بۇ مۇساپە داۋام قىلىدۇ» دېدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقارنى «ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن» ئىرانغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن باقىرى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭمۇ يېقىندا ئىراندا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بىرىگادا گېنېرالى باقىرى، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقتىن ئايرىلىشىنى نىشان قىلغان مۇستەقىللىق رېفېراندۇمى توغرىسىدا تۈرك ئەمەلدارلار بىلەن مەخسۇس سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بۇنداق بىر ئىش بولۇپ قالسا، بۇ يېڭى بىر سۈركىلىشنىڭ باشلانغۇچى بولىدۇ ۋە قوشنا دۆلەتلەرگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئىككى دۆلەت بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ۋە ئۆتكۈزۈلمەسلىكى كېرەكلىكى قارىشىدا چىڭ تۇرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر